خۇاۋېي بازىرى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى
«خۇاۋېي بازىرى» خۇاۋېي تېرمىنال چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دەپ ئېلىنىدۇ) سىزنى كىرىش، تاۋار كۆرۈش، توردا ئالدىن كېلىشىش ۋە توردا سېتىۋېلىش بىلەن تەمىنلەيدىغان سۇپىدۇر، ئۇ «خۇاۋېي بازىرى» ئەپى، «خۇاۋېي بازىرى» كومپيۇتېر نۇسخىسى، «خۇاۋېي بازىرى» چەكمە ئېكران نۇسخىسى ۋە خۇاۋېي بازىرى ۋە ئەپچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (تۆۋەندە «بۇ سۇپا» ياكى «خۇاۋېي بازىرى» دەپ ئېلىنىدۇ). خۇاۋېي بازىرى ھەققىدىكى كۆپرەك ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، «خۇاۋېي بازىرى» ئورگان تورىدىكى خۇاۋېي بازىرىنى چۈشەندۈرۈش (https://www.vmall.com/help/faq-939.html) نى كۆرۈڭ.
خۇاۋېي ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ (تۆۋەندە «سىز» دەپ ئېلىنىدۇ) شەخسىي ئۇچۇرى ۋە مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، «خۇاۋېي بازىرى» نى ئىشلىتىش جەريانىدا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانداق توپلاش، ئىشلىتىش، ساقلاش، ئورتاقلىشىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىش، شۇنداقلا بىز سىزگە تەمىنلەيدىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىش، ئۆزگەرتىش، ئۆچۈرۈش ۋە قوشۇلۇشنى بىكار قىلىش ئۇسۇلىنى سىزگە چۈشەندۈرىمىز. قانۇن تەلىپى ۋە كەسپىنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئەگەر 18 ياشقا توشمىغان بولسىڭىز، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھامىيىڭىز بۇ باياناتنى ئوقۇپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇشى ھەمدە «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە/ياكى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىپ بىزگە سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىشى كېرەك.
«ئالاھىدە ئەسكەرتمە»
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن «خۇاۋېي بازىرى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» (تۆۋەندە «بۇ بايانات» دېيىلىدۇ) نى ئەستايىدىل ئوقۇپ چۈشىنىڭ. نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى توم خەت شەكلىدە ئالاھىدە ئەسكەرتتۇق، ئوقۇغاندا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتسىڭىز ياكى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بۇ باياناتقا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا قوشۇلغان دەپ قارىلىسىز.
چۈشىنىشىڭىزگە قولاي بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بايانات ئاددىي، چۈشىنىشلىك تىلدا بايان قىلىنىدۇ، خاس ئىسىملارغا چېتىلسا، بۇ باياناتنىڭ 7-قىسىمىدىكى «ئىسىملارغا ئىزاھات» تا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىمىز. قانداق سەزگۈر ئۇچۇرلارنى توپلايدىغانلىقىمىزنى سىزگە ئەسكەرتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى توم خەت شەكلىدە كۆرسەتتۇق. ئەگەر شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلەشكە قوشۇلسىڭىز، بىز بۇ باياناتتا بايان قىلىنغان مەقسەت ۋە ئۇسۇلدا شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىمىز. شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىشلىتىشتىكى مەقسىتىمىز «خۇاۋېي بازىرى» غا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. سىز بىزگە شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئەمما بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى توپلىشىمىزنى رەت قىلسىڭىز، سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.
بۇ بايانات «خۇاۋېي بازىرى» كەسىپىنىڭ مەخپىيەتلىك ھەققىدىكى بايانى ۋە ۋەدىسى بولۇپ، ئۇ خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-policy/) نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. ئەگەر «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ ئالاھىدە ۋەدىسىگە چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بىلەن خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-policy/) ئوتتۇرىسىدا ئوخشىماسلىق كۆرۈلسە، بۇ بايانات ئاساس قىلىنىدۇ؛ بۇ باياناتتا ۋەدە قىلىنمىغان مەزمۇنلاردا، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-policy/) ئاساس قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرىڭىز، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانداق قوغدايدىغانلىقىمىز، ھەمدە ساقلانما ۋە شۇ تۈردىكى تېخنىكىلارنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى كېلىشىملەرنى، خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-policy/) دىن تەپسىلىي كۆرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
1. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
ئادىل، قانۇنلۇق، زۆرۈر پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغان ھالدا، بۇ باياناتتا دېيىلگەن تۆۋەندىكى مەقسەتلەرنى چىقىش قىلىپ، سىز مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەت ئىشلەتكەندە ئاكتىپلىق بىلەن تەمىنلىگەن ياكى مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەت ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىققان شەخسىي ئۇچۇرلار ۋە ئۈچىنچى تەرەپتىن ئېرىشكەن مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ ئىشلىتىمىز. ئەگەر شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باياناتتا ئەسكەرتىلمىگەن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتمەكچى بولساق، ياكى بەلگىلەنگەن مەقسەتتە توپلىغان ئۇچۇرلارنى باشقا مەقسەتتە ئىشلەتمەكچى بولساق، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا سىزگە ئۇقتۇرىمىز ھەمدە ئىشلىتىشتىن بۇرۇن يەنە بىر قېتىم ماقۇللۇقىڭىزنى ئالىمىز.
1.1 سىزگە مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەت تەمىنلەش جەريانىدا ئۆزىڭىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەمىنلىگەن شەخسىي ئۇچۇرلار
«خۇاۋېي بازىرى» نىڭ كەسىپ ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىمىز. تۆۋەندە «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ ئاساسىي كەسپىي ئىقتىدارى ۋە بۇ ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىغىشقا تېگىشلىك شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي كۆرسىتىمىز، ئەگەر بۇنىڭدىكى مەلۇم ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يىغىشقا تېگىشلىك شەخسىي ئۇچۇرنى تەمىنلەشنى رەت قىلسىڭىز، بۇ كەسىپ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلمەيسىز. دىققەت، تەمىنلىگىنىڭىز باشقىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بولسا، مۇناسىۋەتلىك شەخسنىڭ ئىجازىتىنى ئالغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ.
A. ھېساباتقا تىزىملاش، كىرىش ۋە دەلىللەش
(1) «خۇاۋېي بازىرى» غا كىرىپ خۇاۋېي ھېسابىغا تىزىملاتقاندا، بىزگە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تەمىنلەيسىز: جىنس، رايون، تۇغۇلغان كۈن ئۇچۇرى، يانفون نومۇرى. خەت ساندۇقى ئارقىلىق تىزىملاشنى تاللىسىڭىز، بىزگە خەت ساندۇقى ئادرېسىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك.
(2) خۇاۋېي ھېسابىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتقاندىن كېيىن، خۇاۋېي ھېسابى بىلەن «خۇاۋېي بازىرى» غا كىرسىڭىز بولىدۇ. تىزىملاپ كىرگەندە، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى بىزگە تەمىنلىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، تىزىملاپ كىرەلمەيسىز ۋە «خۇاۋېي بازىرى» نى ئىشلىتىپ مال سېتىۋالالمايسىز. بۇنىڭدىن باشقا، نام، باش سۈرەت قاتارلىقلارنى قوشۇپ تەمىنلىسىڭىز، بۇنىڭ «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ سىزنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ ياخشى تەسىراتقا ئىگە قىلىشىغا ياردىمى بار. ئەگەر سىز «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ كۆرۈش ۋە ئىزدەش ئىقتىدارىنىلا ئىشلەتسىڭىز، تىزىملاپ كىرمەي ئىشلىتىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا يۇقىرىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمەيسىز.
(3) كارخانا «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ كارخانا ئىشلەتكۈچىسىگە تىزىملاتقاندا، مەزكۇر كارخانىنىڭ تىزىملاتقان خادىملىرى (سىز) بىزگە ئىسىم-فامىلە، يانفون نومۇرى ۋە تورخەت ئادرېسىنى تەمىنلەش كېرەك. كارخانا O2O مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەندە، مەزكۇر كارخانىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىنىڭ ئىسىم-فامىلە، يانفون نومۇرى ۋە كىملىك ئۇچۇرىنى يىغىپ، بۇ كارخانىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىمىز. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، سىز بىلەن ئالاقىلىشالماسلىقىمىز ۋە كارخانا ئىشلەتكۈچىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
(4) دەلىللەش
جۇڭگو قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىنى ئاساس قىلىپ، شۇنداقلا بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابىغا تىزىملاتقىنىڭىزدا، يانفون نومۇرى (خەت ساندۇقى ئارقىلىق تىزىملاشنى تاللىسىڭىز، بىزگە يەنە خەت ساندۇقى ئادرېسىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك) ڭىزنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك، بىز سىزگە دەلىللەش كودى ئەۋەتىپ دەلىللەيمىز. يانفون نومۇرى بىلەن دەلىللەشنى رەت قىلسىڭىز، تىزىملاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ، «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنى ئىشلىتەلمەيسىز. ئەمما سىز تىزىملاش/كىرىش بېتىدىن چېكىنگەندىن كېيىن باشبەتكە قايتىپ زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەگەر سىز مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قېلىپ، كىرىش مەخپىي نومۇرىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولسىڭىز، كىملىكىڭىزنى دەلىللەيمىز. سىز بىزگە يانفون نومۇرىڭىزنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر سىز خەت ساندۇقى ئارقىلىق دەلىللەشنى تاللىسىڭىز، بىزگە خەت ساندۇقى ئادرېسىنى تەمىنلەپ، دەلىللەش كودىنى كىرگۈزسىڭىز ئاندىن مەخپىي نومۇرنى قايتا بېكىتەلەيسىز ۋە قايتىدىن كېرەلەيسىز.
خۇاۋېي ھېسابىغا تىزىملاتقان ۋە ئۇنى ئىشلەتكەندىكى ھوقۇق-مەنپەئەتلەر ۋە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قانۇنىي مەسئۇلىيەت ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، خۇاۋېي ھېسابى ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى (https://hwid1.vmall.com/AMW/portal/agreements/userAgreement/zh-cn_userAgreement.html?version=china&countryCode=cn&reqClientType=26) ۋە خۇاۋېي ھېسابى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات (https://hwid1.vmall.com/AMW/portal/agreements/accPrivacyStatement/zh-cn_accPrivacyStatement.html) نى ئوقۇڭ.
(5) «خۇاۋېي بازىرى» ئەپچىسىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، ياكى «خۇاۋېي بازىرى» بىلەن ھەمكارلاشقۇچى تور بېكەت/ئەپتە «خۇاۋېي بازىرى» نى ئىشلەتكەندە، ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتى بىلەن كىرىپ، مال سېتىۋېلىش، بۇيرۇتما تەكشۈرۈش، ئېتىبار بېلەت ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز، بىز سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن سىزنىڭ باش سۈرىتىڭىز، نامىڭىز ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابات ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز.
B. مال كەلگەنلىك ئۇقتۇرۇشى
«خۇاۋېي بازىرى» دا مەھسۇلات بۇيرۇتسىڭىز، يانفون نومۇرى ياكى تورخەت ئادرېسىڭىزنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭدىكى مەقسەت بۇيرۇتقان مال كەلگەندە دەل ۋاقتىدا سىزگە ئۇقتۇرۇش ئۈچۈندۇر.
C. مال سېتىۋېلىش
خۇاۋېي ھېسابىغا كىرىپ مال سېتىۋالالايسىز. تالون چۈشۈرگەندىن كېيىن سىزگە مال ئەۋەتىش ۋە سېتىشتىن كېيىن مۇلازىمەت قىلىش مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزگە مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىسىم-فامىلىسى، يانفون نومۇرىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك، يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئامباردا ساقلىغۇچىسى، توشۇغۇچىسى ۋە مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىسىگە ئورتاقلىشىشىمىز مۇمكىن. بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، مال ئەۋەتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئامالسىز قالىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلېكتىرونلۇق تالون كەستۈرمەكچى بولسىڭىز، مالنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئېلېكتىرونلۇق تالوننى تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان خەت ساندۇقى ئادرېسى ياكى يانفون نومۇرىنى تەمىنلىشىڭىز لازىم. قەغەز تالون ئەۋەتىشكە ئىلتىماس قىلغىنىڭىزدا، تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىسىم-فامىلىسى، تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى، يانفون نومۇرىنى تەمىنلىشىڭىز لازىم.
«خۇاۋېي بازىرى» دا «تىزىملاتماي سېتىۋېلىش» ھالىتىدە (پەقەت كومپيۇتېر نەشرى ۋە چەكمە ئېكران نەشرىدىكى قىسمەن تاۋارلارنىلا قوللايدۇ) مال سېتىۋالغاندا، «تىزىملاتماي سېتىۋېلىش» ھالىتىدە زاكاز چۈشۈرگەندىكى كىملىكىڭىزنى دەلىللەش ئۈچۈن، يانفون نومۇرى ۋە دەلىللەش كودىنى كىرگۈزۈشىڭىز كېرەك.
مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش مۇلازىمىتىنى تاللىسىڭىز، ئۈسكۈنىدە تەمىنلىگەن بانكا كارتىسى ئۇچۇرى، يانفون نومۇرى مەخپىيلەشتۈرۈلۈپ ئۈچىنچى تەرەپ تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىگە ئەۋەتىلىدۇ، ھەمدە تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى تەرىپىدىن سىز قوشقان كارتىغا بىردىنبىر كارتا پەرقلىگۈچ ھاسىل قىلىنىدۇ، بىز بۇ كارتا پەرقلىگۈچنى ساقلايمىز ۋە ئۇنى خۇاۋېي ھېسابىڭىزغا باغلايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۆلەش مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى سىزنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ قولاي ۋە بىخەتەر ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن، بانكا كارتا نومۇرىڭىزنى نامسىزلاشتۇرۇپ بىزنىڭ ساقلىشىمىزغا ئەۋەتىدۇ. بىز سىزنىڭ باشقا ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلىمايمىز.
كارخانىلار سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسىڭىز، بىر قىسىم قوشۇمچە زۆرۈر ئۇچۇرلارنى يىغىمىز. كارخانىلار مايىللىق تالونىنى تاپشۇرغىنىڭىزدا، سېتىۋالغان ئالاقىلاشقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە يانفون نومۇرىنى يىغىپ، ئالاقىلىشىشقا ئىشلىتىمىز؛ كارخانىلار سىستېمىسى بۇيرۇتما مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ ۋە زاكاز نومۇرىڭىزنى يىغىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، سىزگە بۇيرۇتما مۇلازىمەت تەمىنلەش ۋە سىز بېكىتكەن ئۈسكۈنىگە يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىمىز.
D. سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى
چەك تارتىش، ئېتىبار بېلەت ئېلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقىنىڭىزدا، يامان غەرەزلىك ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مۇكاپات ئەپلەش ۋە بېلەت ئەپلەشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ ھەقىقىي ئىسىم دەلىللىگەن ياكى دەلىللىمىگەنلىكىگە ئېرىشىمىز. مۇكاپات چىقسا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يانفون نومۇرى، تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى، نامىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك، بۇلار مۇكاپات تارقاتقاندا سىز بىلەن ئالاقىلىشىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما بىز مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى سىرتقا ئېلان قىلغاندا نامسىزلاپ كۆرسىتىمىز.
E. خېرىدارلار مۇلازىمىتى
(1) سۈرۈشتۈرۈش/شىكايەت/بىنورمال زاكاز: «خۇاۋېي بازىرى» نى ئىشلىتىپ سۈرۈشتۈرۈش/شىكايەت/بىنورمال زاكاز بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارنى قىلغىنىڭىزدا، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن خۇاۋېي ھېسابى، زاكاز ئۇچۇرى، سۆزلىشىش خاتىرىسى، تۆلەش ئۇچۇرى، تالاش-تارتىشقا قاتناشقۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يانفون نومۇرى ۋە ئىناۋەتلىك گۇۋاھنامە، پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى ئىسىم-فامىلىسى، پۇل تاپشۇرۇۋېلىش ھېسابات نومۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئادرېسى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى يىغىمىز.
(2) قايتا زىيارەت: «خۇاۋېي بازىرى» نى ئىشلەتكەندىكى مال سېتىۋېلىش تەسىراتىڭىزنى ياخشىلاش، سىزنى قايتا زىيارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئىسىم-فامىلىڭىز، يانفون نومۇرىڭىزغا ئېھتىياجلىق بولۇشىمىز مۇمكىن.
F. باھا ۋە ئىنكاس
(1) «خۇاۋېي بازىرى» دا سۆز قالدۇرغان ياكى باھا يازغىنىڭزدا، قالدۇرغان سۆز ياكى باھا مەزمۇنى خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىدا ساقلىنىدۇ. سۆز ياكى باھا مەزمۇنى ئاشكارا كۆرسىتىلگەچكە، ئەگەر ئۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا سىزگە خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، شۇڭا سۆز ۋە باھادا شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشتىن ئېھتىيات قىلىشىڭىزنى ئەسكەرتىمىز.
(2) «خۇاۋېي بازىرى» دىكى «تەكلىپ-پىكىر» دە تەكلىپ ۋە پىكىرىڭىزنى ئىنكاس قىلغاندا، سىستېما خاتىرە ئۇچۇرىنى ئورتاقلىشىش ياكى ئورتاقلاشماسلىقنى تاللىيالايسىز، ئىنكاسىڭىز «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ تەسىراتىنى ياخشىلىشىمىزغا پايدىلىق. مەسىلە ھەل قىلىنغاندا نەتىجىسىنى سىزگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يانفون نومۇرى ياكى خەت ساندۇقى ئادرېسىڭىزنى يىغىمىز.
G. ئېلان ۋە تەشۋىقات
سىزگە تەۋسىيە مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەمىنلەش ئۈچۈن، سىستېما ئۇقتۇرۇشى، قىسقا ئۇچۇر، بېكەت ئىچى خېتى، تورخەت قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، سىزگە سودا ئېلانى، سۇپىدىكى ئەڭ يېڭى باشقۇرۇش ۋە تاۋار ئۇچۇرى ۋە تىزىملاتقان ئىشلەتكۈچىلەرگە بىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان باشقا مۇلازىمەت ئۇقتۇرۇشلىرىنى مۇۋاپىق ئەۋەتىمىز. سىزنى تېخىمۇ ئەلا ئىشلەتكۈچى تەسىراتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى، سودا ئۇچۇرى، ئەگەشكەن ئۇچۇر ۋە بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلىغان ئىشلەتكۈچىلەر شەخسىي ئۇچۇرى (بۇ باياناتنىڭ 1.2-بابىغا قاراڭ) نى باغلاپ مەلۇمات ئانالىزى قىلىمىز، ئۇنى سىزگە سىز قىزىقىدىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنى كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمىز. ئېلان تاپشۇرۇۋېلىشنى خالىمىسىڭىز، بۇ باياناتنىڭ 3.6-بابىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلارنى ئېتىۋېتىڭ.
H. ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتى
«خۇاۋېي بازىرى» ئەپىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، تور ئۇچۇرى ۋە سىستېما خاتىرە ئۇچۇرىڭىزنى يىغىپ، «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلىتىمىز.
1.2 سىزگە مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەت تەمىنلەشتە بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن توپلايدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار
قانۇن-نىزاملار ۋە مۇلازىمەت تەمىنلەشنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى قاندۇرۇش، ھېساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سىستېمىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، سىز «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش جەريانىدا شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىپ، ھېسابىڭىزنىڭ خەۋپىگە ھۆكۈم قىلىمىز، «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ سىز ئۈچۈن نورمال مۇلازىمەت تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز، ھەمدە ئېقىمنى كونترول قىلىپ، بىنورمال ئۇچۇرلارنى شاللايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغىنى:
A. تور ئۇچۇرى
بىز سىزگە تەمىنلىگەن «خۇاۋېي بازىرى» مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، «خۇاۋېي بازىرى» دىكى مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلەتكەن يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى ۋە تور ئۇچۇرىنى يىغىمىز.
B. ئۈسكۈنە ئۇچۇرى
«خۇاۋېي بازىرى» دىكى مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمەتنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، سىزنىڭ يۇمشاق دېتال قاچىلاش ۋە ئىشلىتىشتىكى كونكرېت ھوقۇقىڭىزغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىزنى قوبۇللايمىز ۋە خاتىرىلەيمىز، بۇ ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە ئىشلەتكۈچى نامى ۋە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، بىز يەنە ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى ۋە ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى يىغىمىز.
C. ئىزدەش خاتىرىسى
«خۇاۋېي بازىرى» تەمىنلىگەن ئىزدەش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدەشتە قايتا كىرگۈزمەسلىكىڭىز ئۈچۈن، ئىزدەش خاتىرىڭىزنى يىغىمىز. يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىزدەش خاتىرىسىنى ئۆزىڭىز ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز بولىدۇ.
D. زىيارەت خاتىرىسى
«خۇاۋېي بازىرى» نى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، زىيارەت ئۇچۇرىڭىز ۋە چېكىش خاتىرىڭىزنى يىغىمىز. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يىغىشتىكى مەقسەت سۇپىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، سىزنى تېخىمۇ ياخشى تەسىرات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر.
E. ئورۇن ئۇچۇرى
«خۇاۋېي بازىرى» ئەپى ياكى ئەپچىسىنى ئىشلىتىپ بىزنىڭ مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىنى تېزلىكتە كىرگۈزۈش ياكى تور سىرتىدىكى دۇكاننى تېز تەكشۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سەكرىمە كۆزنەك شەكلىدە سىزنىڭ ئېنىق قوشۇلۇشىڭىزغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئاندىن ئېنىق ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز، ئەمما ئورۇن ئۇچۇرىنى خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىغا يوللىمايمىز. بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، سىزنى مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز.
F. بۇيرۇتما ئۇچۇرى
«خۇاۋېي بازىرى» دا مال سېتىۋالغىنىڭىزدا، سىز زاكاز چۈشۈرگەندىن كېيىن مالنى يەتكۈزۈپ بېرىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، زاكاز نومۇرى، مال سېلىش تالونى نومۇرى، توشۇش تالونى نومۇرى، SWIFT ۋە خۇاۋېي ھېسابى پەرقلىگۈچ قاتارلىقلارنى يىغىمىز.
1.3 بىز ئۈچىنچى تەرەپتىن ئالىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز
سىز قوشۇلۇپ ئىجازەت بەرگەن دائىرىدە، ئۈچىنچى تەرەپ (ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز) تىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن تۈزگەن توختام ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىمىزغا كاپالەت بېرىمىز، ھەمدە سىزنى بۇ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى ۋە ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمىنى تەپسىلىي ئوقۇشقا تەكلىپ قىلىمىز. ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگەندە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىش، ئىشلىتىش ياكى يەتكۈزۈشنى رەت قىلسىڭىز، «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمىتىنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
ئۈچىنچى تەرەپ كىرىش: ھوقۇق بېرىلگەن ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابى (مەسىلەن ۋېيشىن/QQ/ئەلىپەي) نى ئىشلىتىپ خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگىنىڭىزدە، سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئالىمىز. ئۈچىنچى تەرەپ ھېسابى ئىشلىتىپ خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگەندىكى مەلۇمات ئاساسىي ھوقۇقى قاتارلىق ئۇچۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، خۇاۋېي ھېسابى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات (https://hwid1.vmall.com/AMW/portal/agreements/accPrivacyStatement/zh-cn_accPrivacyStatement.html) نى ئوقۇڭ.
1.4 ئىجازەت ئېلىش ھاجەتسىز ئەھۋاللار
مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا، ئىجازىتىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ بىر قىسىم زۆرۈر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئىشلىتىمىز:
A. قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار؛
B. دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىيەسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار؛
C. جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئاممىۋىي سەھىيە ۋە ئاممىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىشلىق چوڭ ئىشلار؛
D. جىنايەت تەكشۈرۈش، ئەرز، ھۆكۈم ۋە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشقا بىۋاسىتە ئالاقىدار ئىشلار؛
E. سىز ياكى باشقىلارنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنى قوغداش قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتكە چېتىلىدىغان چوڭ ئىشلاردا ئۇچۇر ئىگىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش قىيىن بولسا؛
F. بۇنىڭغا چېتىلىدىغان شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆزىڭىز خالاپ جەمئىيەتكە ئاشكارىلىغان بولسىڭىز؛
G. سىز بىز بىلەن تۈزگەن ۋە ئىجرا قىلغان توختامنىڭ تەلىپى بولسا؛
H. قانۇنلۇق ئاممىۋىي ئۇچۇرلار، مەسىلەن، ئاخبارات ۋە ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئۇچۇر قاتارلىقلاردىن ئېرىشكەن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز؛
I. بىزنىڭ مەھسۇلات ۋە/ياكى مۇلازىمىتىمىزنىڭ بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر بولغاندا، مەسىلەن مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتە كاشىلا كۆرۈلگەندە ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلغاندا؛
J. قانۇن-تۈزۈم بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار.
2. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاقلىشىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ۋە ئاممىۋىي ئاشكارىلاش ئۇسۇلىمىز
2.1 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاقلىشىش
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقا ھېچقانداق شىركەت، تەشكىلات ياكى شەخس بىلەن ئورتاقلاشمايمىز، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:
A. ئالدىن ئىجازىتىڭىز ۋە ماقۇللۇقىڭىزغا ئېرىشىش: ئېنىق ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن باشقا تەرەپلەر بىلەن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاقلىشىمىز؛
B. قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئەھۋاللاردا ئورتاقلىشىش: قانۇن-نىزام، قانۇنىي تەرتىپ، ئەرز/كېسىم، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي بۇيرۇقى، نازارەت تەلەپلىرىگە ماسلىشىش سەۋەبىدىن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىمىز؛
C. قانۇن تەلەپ قىلغان ۋە يول قويغان دائىرىدە، سىز ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، مال-مۈلۈكىنى قوغداش ياكى بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپ (ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تارماقلىرى قاتارلىق كەسپىي تەشكىلاتلار) كە تەمىنلەش زۆرۈر بولغاندا؛
D. دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، سىز ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىمىز؛
E. ئۆزىڭىز ئاشكارىلىغان ياكى بىز باشقا قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز؛
F. بىز بىلەن باغلىنىشلىق شىركەتلەر بىلەن ئورتاقلىشىش: شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىز بىلەن باغلىنىش شىركەتلەر ئارىسىدا ئورتاقلىشىشىمىز مۇمكىن. بىز پەقەت زۆرۈر ئۇچۇرلارنىلا ئورتاقلىشىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئورتاقلىشىش بۇ بايانات مەقسىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. باغلىنىشلىق شىركەتلەر شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، يەنە بىر قېتىم ماقۇللۇقىڭىزنى ئالىدۇ. ھەمدە ئۇچۇرلارنى باغلىنىشلىق شىركەتلەرگە تەمىنلەشتىن بۇرۇن، بىزمۇ مۇۋاپىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مەزكۇر باغلىنىشلىق شىركەت يىغقان ئۇچۇرلارنىڭ قانۇنلۇق، ئادىل ۋە زۆرۈر ياكى ئەمەسلىكىنى باھالايمىز. باغلىنىشلىق شىركەتلەردىن ئۇچۇرلىرىڭىزغا قارىتا قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمىز.
G. ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش: سىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل، ئەلا مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، «خۇاۋېي بازىرى» نىڭ بەزى مۇلازىمەتلىرىنى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ تەمىنلەيدۇ، شۇڭا بىز ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن بەزى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئورتاقلىشىمىز. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى قانۇنلۇق، يوللۇق، زۆرۈر، ئالاھىدە ۋە ئېنىق مەقسەتتە، پەقەت سىزگە مۇلازىمەت تەمىنلەش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەخسىي ئۇچۇرلارنىلا ئورتاقلىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز يەنە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بىلەن مەخپىيەتلىكنى قەتئىي ساقلاش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىمىز، بۇ بايانات ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىك ساقلاش كېلىشىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقا ھەر قانداق يولدا ئورتاقلىشىش ھوقۇقى يوق بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ ئايرىم مەخپىيەتلىك تۈزۈمى ۋە ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى بولۇشى مۇمكىن، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئىشلەتكۈچى كېلىشىمى ۋە مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئوقۇشىڭىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ئەگەر ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزنىڭ مۇلازىمەت تەمىنلىگەندە زۆرۈر شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىشىنى رەت قىلسىڭىز، خۇاۋېي بازىرى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ئارقىلىق تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى ئىشلىتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
ھازىر بىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
(1) تاۋار ياكى تېخنىكىلىق مۇلازىمەتتە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ. ئىجازىتىڭىزگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بۇ سۇپىنى قوللايدىغان ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلىشىمىز مۇمكىن. بۇ قوللاش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ساقلاش، توشۇش، خېرىدارلار مۇلازىمىتى ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىگۈچىلەر. «خۇاۋېي بازىرى» ئارقىلىق مال سېتىۋالغىنىڭىزدا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى بۇ تەمىنلىگۈچىلەرگە تەمىنلىشىمىز مۇمكىن، بۇ تەمىنلىگۈچىلەر ئۇنى سىزگە مال يەتكۈزۈش، زاكاز تەكشۈرۈش، زاكازغا پۇل تۆلەش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت، خېرىدارلارنى قوللاش (مەسىلەن ئورنىتىش مۇلازىمىتى)، تالون كېسىش، ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن ھېساب توغرىلاش، تۆلەش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە جاۋاب بېرىش، مۇكاپات تارقىتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئىشلىتىدۇ.
«كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى» تەمىنلەيدىغان ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ. «خۇاۋېي بازىرى» دىكى «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى» نى ئىشلەتكىنىڭىزدە، خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرىڭىز، زاكاز نومۇرىڭىزنى «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى» نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا تەمىنلەيمىز، بۇنىڭدىن باشقا ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ئىسىم-فامىلە، يانفون نومۇرى، مال ئېلىش ئادرېسىڭىزنى يىغىپ، سىزگە مال تەمىنلەشنى باھالاش ۋە يىغىۋېلىش مۇلازىمىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىك ماددىلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ.
«نەق مەيدان ئالاقە مۇلازىمىتى» تەمىنلەيدىغان ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ. «خۇاۋېي بازىرى» دىكى «نەق مەيدان ئالاقە مۇلازىمىتى» نى ئىشلەتكىنىڭىزدە، خۇاۋېي ھېسابى پەرقلىگۈچ ، نام، ئىنكاس ئۇچۇرىڭىزنى «نەق مەيدان ئالاقە مۇلازىمىتى» نىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ، ئۇلارنىڭ سىزنى نەق مەيدان ئالاقە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
(2) ئۈچىنچى تەرەپ سودىگەر. زاكاز ئۇچۇرىڭىز ۋە زۆرۈر مۇئامىلە ئۇچۇرىڭىزنى سۇپىدىكى سودىگەر بىلەن ئورتاقلىشىپ سىزنىڭ ئۇنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرىمىز ھەمدە سودىگەرنىڭ مال سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىنى تېزلىتىمىز.
(3) ئېلان، تەكشۈرۈش، ئانالىز، قايتما زىيارەت قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرىدىكى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ. ئىجازىتىڭىزگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىزگە مۇلازىمەت تەمىنلەيدىغان تۆۋەندىكى ھەمكارلاشقۇچى تەرەپكە تەمىنلىشىمىز مۇمكىن:
سىزنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تىزىملاش ئۇچۇرىڭىز، ئەزالىق دەرىجە ئۇچۇرى، ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرى، زاكاز چۈشۈرۈش ئۇچۇرىڭىزغا ئاساسەن، سىزنى قىزىقىدۇ دەپ قارىغان خۇاۋېي ياكى خۇاۋېيغا ئالاقىدار سودا ئېلانلىرىنى ئەۋەتىمىز، بىز يەنە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئېلان مۇلازىمىتى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا تەمىنلىشىمىز مۇمكىن.
«خۇاۋېي بازىرى» ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن، مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچىگە «خۇاۋېي بازىرى» نى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى، رايونلارغا تارقىلىشى، ئاكتىپلىق ئەھۋالى ۋە سىزنىڭ IP ئادرېسىڭىز، زىيارەت خاتىرىسى، چېكىش خاتىرىسى، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىشىمىز مۇمكىن؛
«خۇاۋېي بازىرى» نىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مال سېتىۋېلىش تەسىراتىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قايتا زىيارەت مۇلازىمىتى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا سىزنى قايتا زىيارەت قىلىشنى ھاۋالە قىلىشىمىز مۇمكىن،
2.2 ئۆتۈنۈپ بېرىش
شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى باشقا ھېچقانداق شىركەت، تەشكىلات ياكى شەخسكە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمىز، تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا:
A. سىز ئېنىق ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن؛
B. قانۇن-نىزام، كەسپىي ساھە بەلگىلىمىسى، قانۇنىي تەرتىپ، ئەرز/كېسىم، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىي بۇيرۇقى، نازارەت تەلەپلىرىگە ماسلىشىش سەۋەبىدىن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغاندا؛
C. دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، سىز ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش زۆرۈر بولغاندا؛
D. ئۆزىڭىز ئاشكارىلىغان ياكى بىز باشقا قانۇنلۇق يوللار ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز؛
قوشۇۋېلىش، سېتىۋېلىش ياكى ۋەيران بولۇپ ھېسابات قىلىش سەۋەبىدىن شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە توغرا كەلگەندە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يېڭىدىن ئۆتكۈزۈۋالغۇچى شىركەت ياكى تەشكىلاتتىن مەزكۇر كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر بۇ باياناتتىكى كېلىشىمدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىشى، بىر تەرەپ قىلىنىشىدا ئۆزگىرىش بولسا، مەزكۇر شىركەت، تەشكىلات يېڭىدىن ماقۇللۇقىڭىزنى ئالىدۇ.
2.3 ئاممىۋىي ئاشكارىلاش
ئېنىق ماقۇللۇقىڭىزنى ئالماي تۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاممىغا ئاشكارىلىمايمىز.
قانۇن، قانۇنىي تەرىپ، ئەرز ياكى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك، سىز ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھوقۇقدار ئورگان ياكى ئاممىغا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئاشكارىلايمىز. ئەمما شۇ توغرىسىدا ۋەدە بېرىمىزكى، يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە، ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغۇچى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، ھەمدە ئاشكارىلايدىغان ئۇچۇرغا قارىتا قانۇنلۇق ۋە كەسپىي ئۆلچەم بويىچە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ئەسكەرتمە: بۇ سۇپىدا ئۈچىنچى تەرەپ ئالاقە، تۆلەش، خەرىتە، سىن يۇمشاق دېتاللىرى ياكى ھەقىقىي ئىسىمدا دەلىللەنگەن مۇلازىمەت ئىشلەتكىنىڭىزدە، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى ۋە مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىڭ.
2.4 باشقىلار
بۇ سۇپىدا ئۈچىنچى تەرەپ ئالاقە، تۆلەش، خەرىتە، سىن يۇمشاق دېتاللىرى ياكى ھەقىقىي ئىسىمدا دەلىللەنگەن مۇلازىمەت ئىشلەتكىنىڭىزدە، ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچى توربەت ياكى SDK ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىدۇ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچىنچى تەرەپ ئىشلەتكۈچىلەر كېلىشىمى ۋە مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىڭ.
كونكرېت تۆۋەندىكى SDK لارغا چېتىلىدۇ:
(1) ئورتاقلىشىشنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، ۋېيبو ئورتاقلىشىش SDK، QQ ئورتاقلىشىش SDK، ۋېيشىن ئورتاقلىشىش SDK لىرى ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىز، تور ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ.
(2) ئورۇن ئىجازىتىنى ئاچقىنىڭىزدا، گاۋدې خەرىتە ئورۇن بەلگىلەش SDK سى ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، تور ئۇچۇرى، ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ.
(3) ئەلىپەيدە تۆلەشنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، ئالى تۆلەش SDK سى ئۈسكۈنە ئۇچۇرىڭىز، تور ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ.
3. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى
«خۇاۋېي بازىرى» ئىشلەتكىنىڭىزدە شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى زىيارەت قىلىش، ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىش ئىجازىتىڭىزنى قايتۇرۇۋېلىش ھوقۇقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «خۇاۋېي بازىرى» دا ماس مەشغۇلات تەڭشىكى تەمىنلىدۇق، تۆۋەندىكى كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ:
3.1 شەخسىي ئۇچۇر كۆرۈش ۋە توغرىلاش
قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەندىن باشقا، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى خالىغاندا زىيارەت قىلىش، تۈزىتىش ۋە ئۆچۈرۈش ھوقۇقىڭىز بار، كونكرېت تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ھېسابات ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، ئاندىن «ھېسابات مەركىزى» گە كىرىپ ھېسابات ئۇچۇرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز ياكى تۈزىتەلەيسىز؛ ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «تەڭشەك» > «ھېسابات مەركىزى»؛
مال تاپشۇرۇۋېلىش ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «بازىرىم» > «مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىنى باشقۇرۇش» قا كىرىپ مال تاپشۇرۇۋېلىش ئۇچۇرى (مال تاپشۇرۇۋالغۇچى، يانفون نومۇرى ۋە مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى) ڭىزنى كۆرەلەيسىز ياكى ئۆزگەرتەلەيسىز، ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «تەڭشەك» > «مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى»؛ «خۇاۋېي بازىرى» ئەپچىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «ئادرېسىم»؛
زاكاز ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «بازىرىم» > «زاكازلىرىم» غا كىرىپ زاكاز ئۇچۇرىڭىزنى كۆرەلەيسىز؛ ئەپ، چەكمە ئېكران نۇسخىسى ۋە ئەپچىنىڭ كونكرېت يولى «مەن» > «زاكازلىرىم»؛
ئەزالىق ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «بازىرىم» > «ئەزالار ھوقۇقى» غا كىرىپ ئەزالىق ئۇچۇرىڭىزنى كۆرەلەيسىز؛ ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىنىڭ كونكرېت يولى «مەن» > «ئەزالار قانىلى»؛
مۇناسىۋەتلىك ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «بازىرىم» > «سېتىۋېلىش قوللىشى» غا كىرىپ مال كەلگەنلىك ئۇقتۇرۇشى ۋە ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرىڭىزنى كۆرەلەيسىز؛ ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىدا، «مەن» > «ئالدىن كېلىشىش خاتىرىسى» دىن ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرىڭىزنى كۆرەلەيسىز.
3.2 شەخسىي ئۇچۇر ئۆچۈرۈش
تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەمىنلەپ «خۇاۋېي بازىرى» دىكى شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىمىز:
ھېسابات ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، ئاندىن «ھېسابات مەركىزى» گە كىرىپ ھېسابات ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرەلەيسىز، ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «تەڭشەك» > «ھېسابات مەركىزى»؛
مال تاپشۇرۇۋېلىش ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «بازىرىم» > «مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىنى باشقۇرۇش» قا كىرىپ مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى ئۇچۇرى (مال تاپشۇرۇۋالغۇچى، يانفون نومۇرى ۋە مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى) ڭىزنى ئۆچۈرەلەيسىز، ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «تەڭشەك» > «مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى»، «خۇاۋېي بازىرى» ئەپچىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «ئادرېسىم»؛
زاكاز ئۇچۇرىڭىز: كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «بازىرىم» > «زاكازلىرىم» غا كىرىپ زاكاز ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرەلەيسىز؛ ئەپ، چەكمە ئېكران نۇسخىسى ۋە ئەپچىنىڭ كونكرېت يولى «مەن» > «زاكازلىرىم»؛
بۇنىڭدىن باشقا، تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارغا ئۇيغۇن بولغاندا، مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) بېتىگە كىرىپ بىزنىڭ ئۆچۈرۈشىمىزنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، بىز سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈش تەلىپىڭىزگە ماسلىشىمىز:
(1) بىز قانۇن نىزاملارغا خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاپ ئىشلەتكەندە؛
(2) بىز ئارىمىزدىكى كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاپ ئىشلەتكەندە؛
(3) بىز قانۇن نىزاملارغا ياكى ئارىمىزدىكى كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا ئۈچىنچى تەرەپكە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئورتاقلاشقاندا، ئۆتۈنۈپ بەرگەندە، ئورتاقلىشىش، ئۆتۈنۈپ بېرىشنى دەرھال توختىتىپ، ئۈچىنچى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۆچۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش قىلىمىز؛
(4) بىز قانۇن نىزاملارغا ياكى ئارىمىزدىكى كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلىغاندا، ئاشكارىلاشنى دەرھال توختىتىپ، مۇناسىۋەتلىك قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىمىز.
يۇقىرىدىكى ئۆچۈرۈش تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرۇلغاندا، قانۇن-نىزاملاردا باشقىچە بەلگىلىمە بولۇپ ساقلاش تەلەپ قىلىنغاندىن باشقا شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆچۈرۈلىدۇ.
3.3 خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى ئۆچۈرۈش
كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىنى چېكىپ، «ھېسابات مەركىزى» > «تەڭشەك» كە كىرىپ خۇاۋېي ھېسابىڭىزنى ئۆچۈرەلەيسىز؛ ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىنىڭ كونكرېت ئورنى «مەن» > «تەڭشەك» > «ھېسابات مەركىزى».
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆچۈرگەندىن كېيىن، قانۇن-نىزاملارنىڭ تەلىپى بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى دەرھال ئۆچۈرۈشنى ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز، ئەمما قانۇن-نىزام ياكى نازارەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا قارىتا باشقىچە بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. يۇقىرىدىكى ھېسابات ئۆچۈرۈش ھەرىكىتىڭىزنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، «خۇاۋېي بازىرى» سىزگە ئەزالىق مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى توختىتىدۇ ۋە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلىمايدۇ. ھېسابنى ئۆچۈرسىڭىز، «خۇاۋېي بازىرى» سىزگە تەمىنلەيدىغان بۇ ھېسابات بىلەن باغلانغان ئەزالىق مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، ھەمدە ھوقۇقىدىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىسىز، ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەشغۇلات قىلىڭ.
3.4 ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىش
ھەر بىر كەسپىي ئىقتىدار ئادەتتە بىر قىسىم ئاساسلىق شەخسىي ئۇچۇرلارنى يىغقاندىلا ئاندىن نورمال ئىشلەيدۇ، شەخسىي ئۇچۇرنىڭ يىغىپ ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا مەخپىيەتلىك مەسىلىسى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) بېتىنى زىيارەت قىلىپ ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىڭ ياكى بۇ باياناتتا تەمىنلەنگەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ. «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىدە «مەن» > «تەڭشەك» > «مەخپىيەتلىك تەڭشىكى» دىن «ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش پىلانى» نى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغمايمىز ۋە ئىشلەتمەيمىز، ئەمما بىلىشىڭىز كېرەككى، ماقۇللۇق ياكى ئىجازەتنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «خۇاۋېي بازىرى» قايتۇرۇۋالغان ماقۇللۇق ياكى ئىجازەتكە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار ئىقتىدار ۋە/ياكى مۇلازىمەتنى داۋاملىق تەمىنلىيەلمەيدۇ. ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋالسىڭىز، قايتۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن ئىجازىتىڭىز بويىچە توپلانغان ئۇچۇرلىرىڭىزنىڭ داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىنىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ.
3.5 ئۈسكۈنە ئىجازىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش
«خۇاۋېي بازىرى» ئەپنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، بىر قىسىم ئىجازەتلەرنى ئېچىشىڭىز لازىم، مەسىلەن، بوشلۇق، تېلېفون، ئورۇن، كامېرا، ئالاقىداش، تورغا ئۇلاش، ئەپ ئىچىدە باشقا ئەپ قاچىلاش، ئۈستەليۈزى تېزلەتمىسى قۇرۇش قاتارلىقلار، كونكرېت مەقسەت تۆۋەندىكىدەك:
A.بوشلۇق ئىجازىتى: «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىنى تۇنجى قېتىم ئاچقىنىڭىزدا، بۇ ئىجازەتنىڭ SD كارتىدىكى مەزمۇننى ئوقۇش، ئۆزگەرتىش ياكى ئۆچۈرۈشىنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئۇ ھۆججەت ساقلاش، چۈشۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
B. تېلېفون (ئۈسكۈنە ئۇچۇرى) ئىجازىتى: «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىنى تۇنجى قېتىم ئاچقىنىڭىزدا، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئۇ ئۈسكۈنە ئۇچۇرىغا ئېرىشىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
C. ئورۇن ئىجازىتى: تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى كىرگۈزگەندە ياكى ئەتراپتىكى ئەمەلىي دۇكانلارنى ئىزدىگەندە، ئورۇن ئۇچۇرىڭىزغا ئېرىشىپ تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى كىرگۈزۈشىڭىز ياكى ئەتراپتىكى ئەمەلىي دۇكاننى ئىزدىشىڭىزگە ياردەم بېرىشىمىز ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.
D. كامېرا ئىجازىتى: «خۇاۋېي بازىرى» دا سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، سۈرەتكە تارتىش ياكى سىنغا ئېلىشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشىڭىز كېرەك.
E. ئالاقىداش ئىجازىتى: تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسىدىكى ئالاقىداشلارنى باشقۇرغاندا، ئالاقىداشنى ئوقۇپ، ئالاقىلەشكۈچى تاللاش ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشىڭىز كېرەك.
سىزمۇ خالىغان ۋاقىتتا ئۈسكۈنىنىڭ تەڭشەك ئىقتىدارىدىن قىسمەن ۋە بارلىق ئىجازەتنى ئېتىۋېتىشنى تاللاپ، بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشىمىزنى رەت قىلسىڭىز بولىدۇ. ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە، ئىجازەتنىڭ كۆرسىتىلىش ئۇسۇلى ۋە ئېتىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ، تەپسىلاتىنى ئۈسكۈنە ۋە سىستېما چۈشەندۈرۈشى ياكى كۆرسەتمىسىدىن كۆرۈڭ.
3.6 ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن پىلانلىشىنى چەكلەش
«مەن» > «تەڭشەك» > «مەخپىيەتلىك تەڭشىكى» دىن «خاسلاشقان تەۋسىيە» نى ئېتىپ، «خۇاۋېي بازىرى» ئەپىنىڭ سىزگە تېخىمۇ ماس مەھسۇلاتلارنى تەۋسىيە قىلىش مۇلازىمىتىنى ئېتەلەيسىز.
كومپيۇتېر نۇسخىسىدا، «خۇاۋېي بازىرى» باشبېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى ھېسابات نامىدا، «ھېسابات مەركىزى» > «ئۇچۇرۇم» دىن سودا خاراكتېرلىك تورخەت، قىسقا ئۇچۇر ۋە سىستېما ئۇقتۇرۇشىنى ئېتەلەيسىز، ئەپ ۋە چەكمە ئېكران نۇسخىسىدا «مەن» > «تەڭشەك» > «پائالىيەت ئۇقتۇرۇشى» دىن سودا خاراكتېرلىك تورخەت، قىسقا ئۇچۇر ۋە سىستېما ئۇقتۇرۇشىنى ئېتەلەيسىز؛ ئەپچىدە خۇاۋېي ھېسابىغا ئالماشقاندىن كېيىن، «مەن» > «پائالىيەت ئۇقتۇرۇشى» دىن سودا خاراكتېرلىك تورخەت، قىسقا ئۇچۇر ۋە سىستېما ئۇقتۇرۇشىنى ئېتەلەيسىز، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سودا خاراكتېرلىك تورخەت/قىسقا ئۇچۇردا تەمىنلەنگەن ئۇسۇلدا سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇرلارنىڭ زاكازىنى قايتۇرالايسىز. بىلىشىڭىز كېرەككى، بىز زۆرۈر دەپ قارىغان ۋاقىتتا (مەسىلەن «خۇاۋېي بازىرى» مۇلازىمىتىنى توختىتىپ رېمونت قىلغاندا)، «خۇاۋېي بازىرى» ئارقىلىق بىر قىسىم مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلارنىمۇ ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن. مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك، تەشۋىقاتقا تەۋە بولمىغان بۇنداق ئېلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايسىز.
3.7 يۇقىرىدىكى تەلەپلىرىڭىزگە ئىنكاس قايتۇرۇش
بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كىملىكىڭىزنى دەلىللەشنى تەلەپ قىلىپ، ئاندىن تەلىپىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز مۇمكىن. تەلەپلىرىڭىزگە قارىتا، تەلەپلىرىڭىزنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىشلەتكۈچى سالاھىيىتىڭىزنى دەلىللىگەندىن كېيىنكى 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىمىز.
قانۇن نىزاملارنىڭ تەلىپىگە زىت، ياكى دۆلەت، جەمئىيەت، خۇاۋېي، باشقا ئورگان ۋە شەخسنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە خەۋپ ئەكىلىدىغان، ياكى ئاممىۋىي تەرتىپ ياخشى ئادەتلەرگە زىت تەلەپلەرنى رەت قىلىشىمىز مۇمكىن.
مەلۇمات ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھەرقانداق سوئال، پىكىر ياكى تەكلىپىڭىز بولسا، مەخپىيەتلىك مەسىلىسى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) بېتى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
4. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ساقلاش ئۇسۇلىمىز
4.1 شەخسىي ئۇچۇر ساقلاش ئورنى
بۇ سۇپا پەقەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چوڭ قۇرۇقلۇقى (جۇڭگو شياڭگاڭ، جۇڭگو ئاۋمېن ۋە جۇڭگو تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) دىكى ئىشلەتكۈچىلەرگىلا مۇلازىمەت قىلىدۇ، ھەمدە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ساقلايدۇ.
4.2 شەخسىي ئۇچۇر ساقلاش مۇددىتى
ھېساباتىڭىزنى ئۆچۈرسىڭىز، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىمۇ ئۆچۈرىمىز. قانۇندا باشقىچە تەلەپ بولمىسىلا، بىز مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇددىتىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايمىز ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەندە، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلايمىز. مەسىلەن، زاكاز ئۇچۇرى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىلىدىغان ۋە دۆلەتنىڭ باج، پۇل مۇئامىلە، مالىيەگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىسىگە بويسۇنۇشى كېرەك بولغاچقا، ئۇنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى يەتتە (7) يىل بولىدۇ، زاكاز ئۇچۇرى ئىسىم-فامىلە، يانفون نومۇرى، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى، زاكاز نومۇرى، SWIFT، تالون ئادرېسى، توشۇش تالونى نومۇرى، IP ئادرېس، خەت ساندۇقى ئادرېسى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، مال سېلىش تالونى نومۇرى، خۇاۋېي ھېسابى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىزنى ئىزچىل ئەلا خېرىدارلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، خېرىدارلار مۇلازىمەت مەلۇماتى سىز خۇاۋېي بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالاقە قىلغان كۈندىن باشلاپ ئىككى (2) يىلدىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ، خېرىدارلار مۇلازىمەت مەلۇماتى ئۈچۈن 1.1 خېرىدارلار مۇلازىمەت كۆرۈنۈشىنى كۆرۈڭ. ئۇچۇر ساقلاش مۇددىتىدە ھېسابات ياكى زاكازنى ئۆچۈرسىڭىز، بۇ تۈردىكى مەلۇمات پەقەتلا ئالدى سۇپىدا ئۆچۈرۈلىدۇ، خۇاۋېينىڭ ئارقا سۇپىدا بۇ تۈردىكى سودا ئۇچۇرىنى ساقلاش مۇددىتى ئاخىرلاشقۇچە ساقلاش ھوقۇقى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇلدا سىزگە ئۇقتۇرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
5. بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس ئورنى (ياكى شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس خادىمى) تەسىس قىلدۇق، مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى (https://consumer.huawei.com/cn/legal/privacy-questions/) بېتى ئارقىلىق ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
قايتۇرغان جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز بولۇپمۇ بىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان سالغان بولسا، ئالاقىدار باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ ياكى كەسىپ ئىنتىزامىنى باشقۇرۇش ۋە ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئىنكاس قىلىپ ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ.
6. بۇ باياناتنىڭ يېڭىلىنىشى
6.1 بۇ باياناتنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆزگەرتىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، باياناتتا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۇقتۇرۇش، سەكرىمە كۆزنەك قاتارلىق شەكىلدە سىزگە ئۆزگەرگەن باياناتنى كۆرسىتىمىز.
6.2 دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن بىز يېڭىلانغان بايانات بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز، ئىشلىتىمىز ۋە ساقلايمىز.
6.3 تۆۋەندىكىدەك چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ئەھۋالغا قاراپ تېخىمۇ كۆزگە چېلىقىدىغان ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىشىمىز مۇمكىن:
A. ئىگىدارلىق ھوقۇقى قۇرۇلمىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، مەسىلەن، ۋەيران بولۇش، قوشۇلۇپ كېتىش سەۋەبىدىن بولغان ئۆزگىرىش قاتارلىقلار؛
B. شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باھالاش جەدۋىلى خەتەر چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە.
7. ئاتالغۇلارغا ئىزاھات
بۇ مەخپىيەتلىك باياناتىدا ئىشلىتىلگەن خاس ئىسىملارغا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بېرىلىدۇ:
7.1 شەخسىي ئۇچۇر: شەخسىي ئۇچۇر ئادەتتە ئېلېكتىرونلۇق ياكى باشقا ئۇسۇلدا خاتىرىلەنگەن، ئايرىم ياكى باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىرىكىپ تەبىئىي شەخسنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىيالايدىغان ھەرخىل ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ تەبىئىي شەخسنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، تۇغۇلغان ۋاقىت، كىملىك نومۇرى، شەخسلەر بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، تۇرۇشلۇق ئورۇن، تېلېفون نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.
7.2 شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇر: شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇر- ئادەتتە ئاشكارىلىنىپ كەتسە، قانۇنسىز تەمىنلەنسە ياكى قالايمىقان ئىشلىتىلسە كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، كىشىلىك ئابرۇي، جىسمانىي ساغلاملىقىغا ئاسانلا خەۋپ كەلتۈرىدىغان ياكى كەمسىتىش پەيدا قىلىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلار ـ ـكىملىك نومۇرى، شەخسىي بىيولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش ئۇچۇرى، بانكا ھېساباتى، ئالاقە مەزمۇنى، جىسمانىي ساغلاملىق ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
7.3 باغلىنىشلىق شىركەت: ئادەتتە بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك باشقۇرىدىغان ياكى باشقۇرۇلىدىغان تەرەپنى، ياكى مۇشۇ تەرەپ بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇلىدىغان ھەر قانداق شەخس، شېرىك، تەشكىلات ۋە ئورگاننى كۆرسىتىدۇ. «تىزگىنلەش» ئادەتتە تىزگىنلىنىدىغان ياكى ئورتاق تىزگىنلىنىدىغان ئورگاننىڭ سايلانغان لىدىر (ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلىرى) نىڭ پاي ياكى باشقا ئاكسىيەسى، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئىگىدارلىق قىلىدىغان ئوتتۇز پىرسەنتتىن (30%) يۇقىرى پايچىكى ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.
7.4 ئۈسكۈنە: ئۈسكۈنە ئادەتتە خۇاۋېي بازىرى مەھسۇلاتى ۋە/ياكى مۇلازىمىتىنى زىيارەت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، ئەقلىي تېلېفون، ئاڭلىق ئېكران، ئاڭلىق سائەت، ئاڭلىق ئاۋاز ساندۇقى قاتارلىقلار.
7.5 ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ: ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (مەخسۇس ID ياكى UUID) ئادەتتە ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ئۈسكۈنىگە كىرگۈزگەن، خاس ئۇسۇلدا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىنى پەرقلەندۈرشكە (مەسىلەن يانفوننىڭ SN نومۇرى) ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش ھەرپ-بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.
7.6 IP ئادرېس: تورغا چىققان ھەر بىر ئۈسكۈنىگە بىردىن تەرتىپ نومۇرى بەلگىلىنىدۇ، بۇ تور كېلىشىم ئادرېسى (IP) دېيىلىدۇ، تەرتىپ نومۇرى ئادەتتە جۇغراپىيەلىك رايونغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. IP ئادرېسى ئادەتتە ئۈسكۈنە تورغا ئۇلانغان ئورۇننى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.